2014年5月9日星期五

2009年对伊力哈木的采访片段,以及《我的父亲伊力哈木》维文版


这篇博文有两个内容:

1、一段近12分钟的视频:是2009年11月1日,我对维吾尔学者伊力哈木·土赫提的采访片段。2014年3月15日由独立电影人王我整理剪辑,当时距伊力哈木被捕两个月。



2、一篇被译为维吾尔文的文章:2014年5月4日,纽约时报英文版发表了伊力哈木·土赫提的女儿菊尔·伊力哈木写的文章《A Uighur Father’s Brave Fight》。5月5日,在纽约,19岁的菊尔代狱中的父亲接受了美国笔会2014年度芭芭拉•戈德史密斯自由写作奖。5月6日,纽约时报中文网发表了菊尔文章的中文译文《我的父亲伊力哈木》。近日,一位不知名的年轻的维吾尔人,将《我的父亲伊力哈木》翻译为了维吾尔文,希望更多的维吾尔人能够读到。

ئاتام ئىلھام توختى
ئاپتورى: جەۋھەر ئىلھام

ئاتامنى ئەڭ ئاخىرقى كۆرگەن ۋاقتىم 2012-يىلى 2-فىۋرال كۈنى بولۇپ، ئۇ چاغدا بىز بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارالىق ئايرودرومىدا ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان ئىدۇق. ئاتام ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتى(Indiana University)غا  زىيارەتچى ئالىم سۈپىتىدە بىر يىللىق ئۆگىنىشكە بارماقچى ئىدى. ئۇ چاغدا مەن 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئاتام بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىغا بارماقچى ۋە ئۇ يەرلىشىۋالغۇچە بىر قانچە ھەپتە ھەمدەمدە بولماقچى ئىدىم.
ئەينى چاغدا، بىز ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولۇپ، پاسپورتىمىزنىڭ تەكشۈرۈلۈپ تامغا ئۇرۇلۇشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتتۇق. چىگرا خادىمى ئاتامنىڭ رەسمىيەت ھۆججەتلىرىنى ئىنتايىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، كومپىيۇتېرغا بىر نېمىلەرنى كىرگۈزۈشكە باشلىدى. تۇيۇقسىز بىخەتەرلىك خادىملىرى يېتىپ كەلدى ۋە بىزنى ئۆچىرەتتىن ئايرىپ ئېلىپ ماڭدى. بىز كىچىككىنە بىر ئۆيگە سولاپ  قويۇلدۇق، بۇ ئۆيدە نە يېمەكلىك، نە ھاجەتخانا يوق ئىدى. كېيىن، بىخەتەرلىك خادىملىرى ئاتامنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىنى چەكلەپ، مېنى قويۇپ بەردى. مەن يىغلاپ تاشلىدىم، ئەمما ئاتامنىڭ زورى بىلەن ئايروپىلانغا چىقتىم.

ئۇ ماڭا مېنىڭ قەيسەر بولۇشىمنى، كۆز يېشىمنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكىمنى تاپىلىدى. ئۇ ماڭا ھەرگىز ئۆزۈڭنى ۋە ياكى ئۇيغۇر مىللىتىنى باشقىلارغا ئاجىز ھىس قىلدۇرما دېگەنىدى.

شۇ تاپتا ئاتامنى قاچان كۆرەلىشىمنى بىلمەيمەن، ھەتتا ئاتامنى كۆرەلەمدىم يوق، بۇنىسىمۇ ئېنىق ئەمەس.

ئاتام ئىلھام توختى بىر ئىقتىسادشۇناس ۋە يازغۇچى ئىدى. ئۇ بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە تىرمىشىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر مۇسۇلمان مىللەت بولۇپ، ئەلمىساقتىن جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىدا يەرلەشكەن. ئاتام ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەنقىت قىلغاچقا، تور بېكىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىلدى. 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان شىنجاڭدا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، غەرب مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شۇ ۋەقەدە يۈزلەرچە ئادەم قازا قىلغان، مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرلار بولسا تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

شۇ يىلى يازدىن كېيىن، ئائىلەمدىكىلەر سەۋەبسىز نەزەربەنت قىلىنىشقا، يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشقا ئۇچراپ كەلدى، تېلىفونىمىزمۇ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاندى. مەن ئاتامغا تېلىفون قىلغان چاغلىرىمدا گاژ-گاژ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالاتتىم. ئاتام پات-پات چاقچاق قىلىپ «ساقچى تاغاڭ كېلىۋاتىدۇ» دەپ قوياتتى. بىر قېتىم، مەن مەكتەپدىن قايتىپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۆيدە ھېچكىمنىڭ قالمىغانلىقىنى بايقاپ ھەيران قالدىم. ئائىلەمدىكىلەر بېيجىڭدىن مەجبۇرىي نەچچە كۈن ئايرىلىپتىكەن. ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا  ئاتام ئىككى ئىنىمنى ماشىنىسىغا سېلىپ، مومامنى ئەپكەلگىلى ماڭغاندا، بىخەتەرلىك خادىملىرى ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېلىپ، ئاتامنىڭ ماشىنىسىنى  سوقۇۋېتىپتۇ، ئىچىدىكى بىر خادىم تەھدىت سېلىپ «ئائىلەڭدىكىلەرنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپتۇ.

ئۇ ئىشدىن كېيىن، ئاتام ماڭا:« سىز ھازىر تېخى كىچىك، سىزنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىڭىزنى خالىمايمەن. سىز پەقەت مېنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمنىڭ توغرا ۋە ھەقلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالسىڭىزلا بولىدۇ» دېگەنىدى.

كۆپلىگەن خەنزۇ كۆچمەنلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن شىنجاڭغا كۆچۈرۈلۈپ كېلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىبىنى قوزغىماقتا ئىدى، ئۇيغۇرلار بۇ زىيادە كۆپ كۆچمەنلەرنىڭ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز، تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى دەپ قارايدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىپ قالماقتا، يېقىندا تېخى شىنجاڭنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ۋوگزالدا پارتلىتىش ۋە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ئالدىنقى ھەپتە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەن جۇڭگو رەئىسى شى جىن پىڭ تېخىمۇ كەسكىن ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. ئەپسۇسكى، ھۆكۈمەت مېنىڭ ئاتامغا ئوخشاش ئەزەلدىن زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىپ باقمىغان، ئۇيغۇرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرغا ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مىللەتلەرگە باراۋەرلىك ۋە ھۆرمەت قىلىنىش تەلەپ قىلىپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن كىشىلەرنى ئويلىشىپ باقمىدى.

ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدىكى 15-يانۋاردا، مېنىڭ ئىندىئانادىكى ياتىقىمنىڭ ئىشىكى ئەنسىز چىكىلدى، ئىشىكنى چەككەن كىشى ئاتامنىڭ بىر دوستى بولۇپ، ئاتامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تېلىفونىدىن ئاتامنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى بىلدىم ھەمدە شۇنداق ھەيران قالدىمكى، ھەيرانلىقتىن يىغلاشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.

ئۇدا بەش كۈن ئۆيدىكىلىرىم بىلەن قەتئىي ئالاقە قىلالمىدىم. ئاخىرى ئۆگەي ئاپام بىلەن ئالاقىلىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئۆگەي ئاپام ئاتامنىڭ تۆت ۋە يەتتە ياشلاردىكى ئىككى ئىنىمنىڭ ئالدىدىلا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ھېچكىم ئاتامنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمىگەن بولۇپ، بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆگەي ئاپام ئاندىن قولغا ئېلىش ئۇقتۇرىشىنى قولىغا ئاپتۇ. ئۇقتۇرۇشدا ئاتامنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» بىلەن، بىزنىڭ بېيجىڭدىكى ئۆيىمىزدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى شىنجاڭ تۈرمىسىگە تاشلانغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

ئاتامنى بىلىدىغان ھەر قانداق كىشى بۇ گەپنىڭ ئىنتايىن تېتىقسىز ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ، چۈنكى، ئاتام ھېچقاچان زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىپ باققان ئەمەس. ئاتام تور بېكىتىدە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، تىبەتچە ۋە ئىنگىلىزچە ماقالىلارنى ئېلان قىلغان، مەقسىدى پەقەتلا خەنزۇلارنىڭ جۇڭگودىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. ئۇنىڭ مەقسىدى چۈشۈنۈش ۋە باراۋەرلىك ئىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەسلى ئاتامغا ئوخشاش كىشىلەرنى تۈرمىگە تاشلىماي، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ گۇناھى بار دېسە، گۇناھى كېشىلەرنى راھەتسىزلەندۈرىدىغان ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىگىدە خالاس.

كىچىك ۋاقتىمدا، دەرسدىن چۈشكەن چاغلاردا ئاتام مېنى ئەپكېلىۋالغىلى كېلەتتى. ئۆيگە قايتقۇچە بىز ناخشا توۋلاپ ماڭاتتۇق. مانا ئەمدى ئۇكىلىرىم ماڭا ئوخشاش ئاتىسى بىلەن بىرگە ناخشا ئېيتالمايدىغان بولدى. ئۇلار ھەتتا كۆز ئالدىدىلا ئاتىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىگە شاھىت بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چېچىلىپ كېتىلىشىدەك قاباھەتنى باشتىن كەچۈردى. ئەمدىلىكتە، ھەتتاكى خوشنىلارنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇكىلىرىم بىلەن ئوينىماس بوپتۇ. مەن ئامېرىكىدىن ئۇلارغا تېلىفون قىلغىنىمدا، ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ مېنى قايتا كۆرەلەيدىغان كۆرەلمەيدىغانلىقلىرىنى سورىشىدۇ. مەن ئۇلارغا نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن.

مەن قورقمايمەن. ئاتام ئىنتايىن قەيسەر ۋە جەسۇر، جۈملىدىن دۇرۇرست بىرى ئىدى. ئۇ مېنى 18 يىل قوغدىدى. ئەمدى نۆۋەت ماڭا كېلىپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، باشقىلارغا ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى ئېيتىپ بېرىمەن، كۈچۈمنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ، ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئاتامنى قوغدايمەن.


 جەۋھەر ئىلھام ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ 5-ماي كۈنى نىيۇ-يوركقا كېلىپ. ئاتىسىغا ۋەكالەتەن «2014-يىللىق ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى\باربارا گولدسمىس ئەركىن ئىجادىيەت مۇكاپاتى»(2014 PEN/Barbara Goldsmith Freedom to Write Award )نى تاپشۇرۇپ ئالدى. مەزكۇر نوتۇق مۇكاپات مۇراسىمىدە سۆزلەنگەن.

مەنبە: نىيو-يورك ۋاقىت گېزىتى خەنزۇچە تور بېتى
مەنزىل: http://cn.nytimes.com/opinion/20140506/c06ilham/

没有评论:

发表评论